باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمەن

قومۇل شەھەرلىك خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەمەت بارات

2017.12.15 15:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى كاپالىتى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئېنىق ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن نەزەرىيە ساپايىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىگىلى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتقىلى، كۆزنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلاپ يوقاتقىلى بولىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتتى. «ئۈچ خىل كۈچ» باي- باياشاتلىققا، ئىناق، مۇقىملىققا يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش يامان نىيىتىدىن يانماي، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىدە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كۆرۈنۈشتە بىرخىل، ئاستىرتىن بىر خىل بولۇپ، «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە»گە ئوخشاش پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئامما ئالدىدا شوئارنى ئۈنلۈك توۋلاپ، ياخشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، چىراي ئىپادىسىنى ياخشى نىقابلاپ، ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ»كە خەۋەر يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنى قوللاپ، كەڭچىلىك قىلىپ، زوراۋان- تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالىدۇ، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، قاتنىشىدۇ ۋە پىلانلايدۇ، ئۇلار زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ھىماتچىسى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى بولۇپ، دۆلەتنى پارچىلاشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولدۇر. «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، بىر تەرەپتىن، يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. مەن باشتىن- ئاخىر بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دادىل، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ھەرگىزمۇ دۈشمەنگە كەڭ قورساق، يۇمشاق قول بولماسلىقىمىز كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوشۇرۇنۇۋېلىشقا، كۆز بويامچىلىق قىلىشقا، نەيراڭۋازلىق قىلىشقا ئۇستا، ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىش، تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. مەن بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پوزىتسىيەسى ئىنتايىن روشەن، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ھايات- ماماتلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن؛ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىق، خەۋپ- خەتەرگە قارىتا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن. دىققەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ۋە بۇرچنى، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ياخشى ئادا قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمەن، يول قويمايمەن، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ھەرگىز يۈز- خاتىر قىلمايمەن، يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىيەتكە، ئىنتىزامغا ۋە ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، زەھەر يىلتىزنى يۇلۇپ تاشلايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي، قاچقۇدەك يول قالدۇرمايمەن، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشقا كۈچ چىقىرىمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچ- قۇۋۋىتىمنى بېغىشلايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر