باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«2017- يىلىدىكى يارقىن نۇقتىلار»

شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە بىر يىلدا سېلىنغان مەبلەغ 450 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2017.12.15 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  G7 مىڭشۈي(شىنجاڭ- گەنسۇ چېگراسىدا) − قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇتاشتۇرۇلدى، يەكەن دەرياسىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، قەشقەر- يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەردە يېڭىدىن ئىش باشلاندى... 2017- يىلى تاغ- دەريالاردىن ئېگىزلىكلەرگىچە، تۇرپان- قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە شىنجاڭ زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۈر قۇرۇلۇشى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە بىر يىلدا سېلىنغان مەبلەغ 450 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون 4- ئاينىڭ 7- كۈنى 2017- يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، بورتالا، قاراماي، ئۈرۈمچى، قومۇل، تۇرپان، سانجى، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە 2017- يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى 2080 چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، بۇ تۈرلەر سانائەت، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇچۇر كەسپى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە چېتىلىدۇ، جەمئىي 1 تىرىليون 133 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 351 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.

  قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ نەقلىشىشى ۋە تۈرلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن شەھەر، سانائەت رايونى، كەسىپ بازىلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى − مارالبېشى ناھىيەسى ۋە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر- يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدىن لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈريولىغىچە بولغان ئالاقە لىنىيەسى تۈرى، يەكەن ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، «شىنتيەن» غۇلجا كۆمۈردىن يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرى تاماملاندى؛ ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى، ئالتاي- كۆكتوقاي- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتنىشىنىڭ 1- ، 2- لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ گۇما ناھىيەسىدىكى ئاقشور سۇ ئامبىرى، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە بولغان تۆمۈريولنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تۈرى، G7 لىنىيەسىدىكى ۋۇتۇڭ داچۈەن- باي- ئاراتۈرۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەردە يېڭىدىن ئىش باشلاندى؛ بىر تۈركۈم سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تۈزۈش ۋە يول بويىدىكى يەرلەرنى ئېلىش- كۆچۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تەستىقلىغان تۈرلەرنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى دوكلاتىنى تەييارلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %75ى ۋە %25ى بويىچە مەبلەغ سېلىپ، كېلەر يىللىق قۇرۇلۇشلارغا پۇختا ئاساس سالدى.

  بۈگۈنكى سېلىنما ئەتىكى ئېشىش ۋە قۇرۇلمىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېزلىتىلىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى زورايتىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر