خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە ماشىنا ئادەملىرىنى قوبۇل قىلماقتا.
شۇ كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى مېيشەن باجدىن خالىي پورت رايونىدا، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان 60 ئوت ئۆچۈرۈش رازۋېدكا ماشىنا ئادىمى تاپشۇرۇلدى، بۇلار نىڭبو شەھىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقى پەن - تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، بۇ ھەم نۆۋەتتە جېجياڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇلغان ئەڭ چوڭ تۈركۈم ئوت مۇداپىئە ماشىنا ئادەملىرى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى