خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى ، فوتوسى) مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى،ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ۋە شەھەرلىك ئارخىپ ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىلكۆۋرۈك كوچا ئىش بېجىرىش ئورنى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەۋەلىكىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن 100 ئائىلىلىك ئاممىدىن ئۇن، گۇرۇش، ياغ قاتارلىق 16 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددى بۇيۇم بىلەن ھال سوراپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى .
سۈرەتتە : توقاي مەھەللىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى