باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىدىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن 29 نامرات بىمار قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتى

2017.12.18 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئامانگۈل گايىت، جاۋ چاۋيۇڭ خەۋىرى، فوتوسى)توقسۇ ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى بۇ يىل «خەير-ساخاۋەت ۋە يورۇقلۇق ئاتا قىلىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 29 نامرات بىمارنى توقسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  بۇ يىل، توقسۇ ناھىيەسى شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر، يېتىم-يېسىر بالىلار قاتارلىق نامراتلار ئىچىدىن كۆزىگە ئاق چۈشكەن 125 بىمارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن 29 بىمارنى تاللاپ چىقتى. توقسۇ ناھىيەلىك خەلق ئىشلار تارماقلىرى ھەر بىر بىمارغا 2600 يۈەن تولۇقلىما بېرىش بىلەن بىللە، بىمارلار ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلارنىڭ تاماق، ياتاق ۋە كىرا پۇللىرىنى كەچۈرۈم قىلدى.

  توقسۇ ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ھوشۇر ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مېيىپلەر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما توپى بولۇپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى يورۇق دۇنيانى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز».

  سۈرەتتە: دوختۇرلار كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارنىڭ كۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر