باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەتتە كۈن ئىچىدە ئاۋامدىن 30 مىڭ يۈەن غەملىگەن ئىستۇدېنتلار دەسلەپكى غەلىبىسىنىڭ تەمىنى تېتىدى

2017.12.18 14:57   مەنبە: خەلق تورى

يەتتە كۈن ئىچىدە ئاۋامدىن  30 مىڭ يۈەن غەملىگەن ئىستۇدېنتلار دەسلەپكى غەلىبىسىنىڭ تەمىنى تېتىدى

  مۇھەررىردىن: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، بىر توپ شىنجاڭلىق ئىستۇدېنت «جۇڭگو قىزىلى-خوتەن چىلىنى» پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئۇسۇل بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئويلىدى. «جۇڭگو قىزىلى-خوتەن چىلىنى» پائالىيىتى بولسا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئون مىڭلىغان ئىستۇدېنتنىڭ شىنجاڭ تەشۋىقاتى» پائالىيىتىنىڭ ئۇزارتىلغان قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزگىچە تېمىدا سۆزلەپ، يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىنى بايان قىلىپ، خوتەن چىلىنى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، چىلانچى دېھقانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سېتىش يولى يارىتىش؛ شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلارنىڭ دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق قەلبى ۋە دۆلەتنى سۆيۈش ھېسياتىنى ئىپادىلەپ، بارغانسېرى سودىسى قىزىۋاتقان شىنجاڭ چىلىنىنىڭ مەملىكەتكە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2000 يۈەن، 5000 يۈەن، 18 مىڭ يۈەن، 25 مىڭ يۈەن ... 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ھەر كۈنى كەچتە، «جۇڭگو قىزىلى- خوتەن چىلىنى» كوللېكتىپ ئۈندىدار توپىدا شۇ كۈنلۈك ئاۋامدىن غەملەنگەن پۇلنىڭ سوممىسى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17دە مىكرو بىلوگدا ئاۋامدىن غەملەنگەن پۇل 34 مىڭ يۈەنگە يەتتى.12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، ئاۋامدىن پۇل غەملەش مەزمۇنى مىكرو بىلوگدا تارقىتىلدى. شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىدىن تارتىپ ھەرقايسى داڭلىق ناخشىچىلار، سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ مىكرو بىلوگىدا بۇ ئۇچۇرنى تارقاتتى ۋە «تاتلىق بولغان ئاۋامدىن غەملەش» دېگەن مەزمۇننى قوشۇپ قويدى.

  بۇ، خوتەنلىك چىلانچى دېھقانلارغا ياردەم قىلىپ چىلان سېتىشىپ بېرىدىغان ئاۋامدىن غەملەش تۈرى ئىدى. بىر كىلوگىرام چىلاننىڭ ئاۋامدىن غەملەش باھاسى 29.9 يۈەن بولۇپ، يەتكۈزۈش چىقىمى، ئوراپ قاچىلاش چىقىملىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئېشىپ قالغان پۇلنىڭ ھەممىسى دېھقانلارغا بېرىلىدۇ. ئاۋامدىن غەملەش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، دېھقانلار ھەر كىلوگىرامىدا بازار باھاسىغا قارىغاندا 10 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.

  بۇ پائالىيەتنىڭ ئىجادچىسى مۇرادىل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىدا مەن ئازراق ئەندىشە قىلغان ئىدىم. ئاۋامدىن غەملەش ئىشى دەسلىپىدە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. 12-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر، ئاران 8000 يۈەن يىغىلدى. پىلاندىكى 60 مىڭ يۈەنگە يەنە خېلى كۆپ كەملەيتتى، بۇ ئەھۋال بىزگە خېلى زەربە بولدى. بىراق ئاۋامدىن غەملەش سۇپىسىدا بىرەيلەننىڭ قالدۇرغان ئىنكاسى بىزگە روھىي مەدەت بولدى. ئۇ كىشى ئىنكاسىدا: «يارايسىلەر، ناھايىتى ئىجادچان پائالىيەت بوپتۇ، سىلەرنى قوللايمىز!» دەپ يازغان ئىدى.

  تۇيۇقسىز بىر كۈنى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاۋامدىن غەملەش ئۇچۇرىنى ئۆزىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگىدا تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇچۇر پۈتۈن مىكرو بىلوگدا تارقىلىشقا باشلىدى، نۇرغۇن كىشى بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مىكرو بىلوگىدا تارقاتتى.

  چولپانلاردىن ئەرفات، گۈلمىرە مەمەت، ئەركىن ئابدۇللا، تۇرغۇنجانلارمۇ بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىغا چىقىرىپ، بۇ كوللېكتىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاۋامدىن غەملەش سوممىسىمۇ ئاستا-ئاستا كۆپەيدى، «جۇڭگو قىزىلى-خوتەن چىلىنى» كوللېكتىپىنىڭ ئىشەنچىمۇ بارا-بارا ئاشتى.

  12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17گە قەدەر يەتتە كۈن ئىچىدە، مىكرو بىلوگتىكى غەملەنگەن سومما 34 مىڭ 415 يۈەنگە يەتتى. مۇخبىرنىڭ غەملەش سۇپىسىدىن كۆرۈشىچە، گەرچە نىشان سوممىسى 60 مىڭ يۈەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى چەك بېكىتىلمىگەن. غەملەنگەن سومما نىشاندىكىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ، يەنە داۋاملىق يىغقىلى بولىدىكەن، مەقسەت شۇ ئارقىلىق چىلانچى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ قوللاش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…