باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پەلەستىن ئەمدى ئامېرىكىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدۇ! ئىسلام دۆلەتلىرى پەلەستىننى قوللىدى

2017.12.18 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىشى بىلەن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 13-دېكابىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

  يىغىندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان شەرقىي يېرۇسالىمنى پەلەستىننىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى مەھمۇد ئابباس مۇنداق دېدى: ھازىردىن باشلاپ، پەلەستىن تەرەپ ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدە ئۆتەيدىغان ھەرقانداق رولىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ، شەرقىي يېرۇسالىمنى پەلەستىننىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش جاكارلاندى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئىسرائىلىيە، ئامېرىكىنى تەنقىد قىلدى، ئۆزىنىڭ پەلەستىن تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1969-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر 57 ئەزا دۆلىتى بار.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلار مۇنداق خەۋەر قىلدى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى تۈركىيە 13-دېكابىردىكى يىغىن ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش ئىشىغا قارىتا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك ۋە قاتتىق ئۆلچەم شەكىللەندۈرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەردوغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نۇتقىدا يېرۇسالىمنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ «قىزىل سىزىقى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىلىيەنى قاتتىق سۆكۈپ، ئۇنى «تېررورىزىمچى دۆلەت» دەپ ئاتىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى تەنقىد قىلدى.ئەردوغان مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشى بىلەن، ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ يۈرگۈزگەن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، دونالد ترامپ بۇ مۇكاپاتنى تارقاتتى.

  ئەردوغان ئىسلام دۆلەتلىرىنى دىپلوماتىك يول بىلەن بۇ ئىشقا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بارا-بارا پەلەستىن تەرەپتىن زېمىن تارتىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىسرائىلىيە 1967-يىلى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا شەرقىي يېرۇسالىمنى ئىگىلىۋالغان ۋە پۈتۈن يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغان. پەلەستىن شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ يېرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  پەلەستىن 1988-يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىزچىل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئىستەۋاتىدۇ، نۆۋەتتە 100دىن ئارتۇق دۆلەت پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى، بىراق ئامېرىكا ۋە ئاز بولمىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى ھازىرغىچە ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. 2012-يىلى 11-ئايدا، 67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قارار ماقۇللاپ، پەلەستىنگە كۆزەتكۈچى دۆلەت ئورنىنى بەردى.

  ئەردوغان 13-دېكابىردىكى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەن خەلقئارا قانۇن ۋە ئادالەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان شەرقىي يېرۇسالىمنى پەلەستىننىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  ئامېرىكىنىڭ رولى قوبۇل قىلىنمايدۇ

  ئابباس 13-دېكابىردىكى يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئابباس مۇنداق دېدى: پەلەستىن خەلقى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدۇ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان قارارى ئۆزىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدىكى رولىنى ئۆتەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى. بىز ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سىياسىي مۇساپىسىدە ئۆتەيدىغان ھەرقانداق رولىنى قوبۇل قىلمايمىز. ئامېرىكا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيە تەرەپكە يان باسىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئابباس يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە مەسئۇل بولۇشقا چاقىردى.

  پەقەتلا ئەيىبلەپ قويۇشمۇ؟

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 13-دېكابىردىكى ئۇچرىشىشتا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە-ئامېرىكىغا بولغان پوزىتسىيەسى قاتتىق بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنالىشى ناتايىن، چۈنكى بەزىبىر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر