باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئاران %40كە يەتتى

2017.12.18 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى يېقىندا بىرلىكتە «100 شەھەردە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ2017- يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ھەر قايسى ساھەلەردە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئاران %40كە يەتكەن بولۇپ، كىشىنى رازى قىلىش دەرىجىسىگە 70 نومۇر قويۇلغان، توسالغۇسىز لىفىت ۋە توسالغۇسىز ھاجەتخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان، ھەمدە رايونلار ئارا ۋە ساھەلەر ئارا تەرەققىيات تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان، قىسمەن ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھەلىرى تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن، ئىگىلەنمەسلىك ۋە قوغداش جايىدا بولماسلىقتەك مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل ھالەتلەر توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئەمەلىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى باش بولۇپ، 5-ئايدىن 10- ئايغىچە مېيىپ پىدائىيلار، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش پىدائىيلىرى ۋە كەسپىي تەكشۈرۈش خادىملىرى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، 31 ئۆلكە 102 شەھەردىكى 10 تۈر ئىستېمال مۇلازىمەت سورۇنلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر