باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە» قەلىبلەرنى لەرزىگە سالدى

2017.12.18 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) تەكلىماكاندىكى سىرلىق قۇملۇق، يېقىملىق مۇڭ كۈيگە جۆر بولغان ئۈچ گۈزەل پەرىزات، سەھنە تۆۋىنىدىلا نەق مەيداندا ئەتلەس توقۇپ ئولتۇرغان 5-ئەۋلاد ئەتلەس توقۇش ۋارىسى... قاتارلىق گۈزەل كۆرۈنۈشلەر بىلەن باشلانغان ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە» تاماشىبىنلارنى تەكلىماكان بويىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يۇرتتا ياشىغان ئىشچان، تىرىشچان، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئەمگەكچان خەلقنى كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى. كىشىلەر گۈزەل ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە»گە سىڭىپ كەتتى.

  دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە» 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللىشى، دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ئىككى قېتىم سىنارىيەنى تەكشۈرۈشى، ئىككى قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ئارقىلىق 2016-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ «غەربىي دىيار سەنئەت ئەسىرى» تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش، مەخسۇس خوتەنگە بېرىپ ئەتلەسنىڭ تارىخى ۋە توقۇش جەريانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئارتىسلارنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى.

  بۇ بەش پەردە، بىر كۆرۈنۈشلۈك ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا سەنئەت يېتەكچىسى بولغان، سېنارىيەسىنى «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچى شېن ۋېي يازغان، مۇزىكىسىنى داڭلىق كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم ئىشلىگەن، ئۇسسۇل رېژىسسورلىقىنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھراي ئىبراھىم باشچىلىقىدا ئىچكىرىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان رېژىسسور دۇڭ جېچياڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرى بىرلىكتە ئىشلىگەن، ئارتىسلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى ئادىل ئابلىز لايىھەلىگەن، سەھنە لايىھەسىنى ياڭ رۈي بىلەن قەيسەر ئىشلىگەن بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك زور قوشۇننىڭ ئۆز ئارا تەڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭدا تۇنجى گۈزەل، نەپىس، جەلپ قىلارلىق بىر مەيدان ئۇسسۇللۇق تىياتىر مەيدانغا كەلدى.

  ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ئەتلەس توقۇيدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئۈچ قىزنىڭ ھەسەن-ھۈسەننىڭ رەڭگىنى ئىزدەش سەپىرىدىكى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتى، دوستلار ئارا ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئىزدەپ، تەبىئەتتىن سېرىق، قىزىل، كۆك رەڭلەرنى تېپىپ قەلبى گۈزەل بولغاندىن كېيىن، گۈزەل ئەتلەسنى توقۇپ چىققانلىقىدەك ھېكايە ئارقىلىق، شۇ يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن خەلقنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، گۈزەللىك قارىشى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، گۈزەل مەنزىرىسى، ئەمگەكچان خەلقنىڭ ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەردىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك تۇرمۇش كارتىنىسى ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق يارقىن نامايان قىلىنغان. بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلىپ، چىنلىق، مېھىر-شەپقەت، گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بولغان «ئەتلەس»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن جۇلاسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇرۇلغان.

  − شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى بولسىمۇ، ئۇزاق يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىشلەنمىگەن،−دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت،− بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سەنئەت غايىمىزنى پارتىيە، خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىشلەش پىلانىنى تۈزدۇق. 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن قەدەمنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، 19-قۇرۇلتايدا باش شۇجى ئوتتۇرغا قويغان «پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» دېگەن سۆزى بويىچە باشقىلارنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، سەنئەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن بىر نادىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلقىمىزگە سۇندۇق.

  __ ئەتلەس جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىرى ھەم ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىنىڭ جەۋھىرى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پەم-پاراسىتى بىلەن ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى،−دېدى ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ باش رېژسسورى مېھراي ئىبراھىم.

  − قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىز جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز بىلەن ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇسسۇل تىلى بىلەن بىر ھېكايىنى خەلققە سۆزلەپ بېرىش بولۇپ، ئۇسسۇل تىلىدا سۆزلەش ناھايىتى قىيىنلىقى يۇقىرى بىر سەنئەت. بۇ تۇنجى قېتىم ئىشلىگەن ئۇسسۇللۇق تىياتىرىمىز بىزگە بىر قېتىملىق سىناق ۋە تەجرىبە بولدى. مىللىي ئۇسسۇل تىلى بىلەن قانداق قىلغاندا بىر ھېكايىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقىش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندۇق ھەم ئىزدەندۇق. ھېكايىنى سۆزلەش جەريانىدا مەيلى بالت ئۇسسۇلى بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى زامان ئۇسسۇللىرى بولسۇن ھەممىسىنى ئۆزىمىزگە قوبۇل قىلىپ، ئەنئەنىۋىلىكنى ساقلىغان ئاساستا ئالدىمىزغا بىر قەدەم ماڭدۇق.

  __ مەن بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىردا قىزلارنىڭ تۈگەپ كەتكەن ئاپىسىنىڭ رولىنى ئالدىم،−دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىسى ئامانگۈل سىدىق،−بۇ چۈشتىكى بىر روھنىڭ رولى بولۇپ، ھېسسىياتلىق بىر ئوبراز. قالغان روللارنى بىزنىڭ ياش ئۇسسۇلچىلار ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىدى. سەنئەت ساھەيىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەۋر روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار ئەسەرلەرنى كۆپلەپ روياپقا چىقىرىپ، جۇشقۇن ياشلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.

  __ بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ،−دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ پىنسىيۇنىرى، ئاتاقلىق ئارتىس سودىيە مەھمۇد،− ئەتلەسنىڭ تارىخى، كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ بەرپا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان جەريانى ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئوبدان ئىشلىنىپتۇ. ئارتىسلارنىڭ ماھارىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، سەھنە دېكوراتسىيەلىرىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق، مۇزىكىلىرى تېخىمۇ يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق بولۇپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇش، خۇشال كۈنلىرىمىزنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىناقلىقىنى «ئەتلەس» ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپتۇ. بىز ئۆزىمىزنى گاھ ساپسېرىق توغراقلىق ۋە قۇملۇقتا، گاھ مېۋىزارلىق باغلاردىكىدەك ھېس قىلساق، نەق مەيداندا ئەتلەس توقۇۋاتقان خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىدىن كەلگەن 5-ئەۋلاد ئەتلەس توقۇش ۋارىسى ئۆمەر ئېلىنىڭ ھۆنىرىنى كۆرۈپ، ئەتلەس توقۇشقا بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ تىياتىر 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ھەر كۈنى كەچ بىر مەيداندىن قويۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر