خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىخانىسىدىن ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئېگەرچى يېزىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قۇمقىشلاق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر شىنجاڭ «كۆرۈنمە نۇر» كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى تېببىي خادىملارنى كەنتكە تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كۆزىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپ، ئۇلارغا 2600 يۈەن قىممىتىدىكى دورا، 6400 يۈەن قىممىتىدىكى 40 دانە كۆزەينەك تەقدىم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى