باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو پۇتبولچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينايدىغان پەخىرلىك پۇتبولچىلىرىمىزدىن ئابدۇۋەلى ۋە ئىلھام بىلەن سۆھبەت

2017.12.19 13:56   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو پۇتبولچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينايدىغان پەخىرلىك پۇتبولچىلىرىمىزدىن ئابدۇۋەلى ۋە ئىلھام بىلەن سۆھبەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو پۇتبولچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينايدىغان پەخىرلىك پۇتبولچىلىرىمىزدىن ئابدۇۋەلى ۋە ئىلھام خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدا زىيارەتتە بولدى.

  مەزكۇر زىيارەتتە، خېنەن جيەنيې كۇلۇبىدا توپ ئوينايدىغان ئابدۇۋەلى ۋە گۈيجۇ خېڭفېڭ جىچېڭ كۇلۇبىدا توپ ئوينايدىغان ئىلھامدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ماھىر ئۆزلىرىنىڭ بالىلىق مەزگىللىرىدىكى توپ ئويناش سەزگۈزەشتىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى پۇتبولچىلىق ھاياتلىرى ۋە كېيىن يەنە قانداق قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلاردا توپ ئوينايدىغان ئاساسى ئەزاغا ئايلانغانلىق جەريانىغىچە بولغان پۈتكۈل ھېكايىلىرى توغرىسىدا، مۇھەررىررىمىز بىلەن ئەركىن سۆھبەتلەشتى، ھەمدە ياش پۇتبولچىلىق مايسىلىرىغا بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى ۋە قانداق قىلىپ كەسپىي پۇتبولچى بولغىلى بولىدىغانلىق ھەققىدە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى بەردى.

  ئابدۇۋەلى ئابلەت، 1987-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر جۇڭگو پۇتبولچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى خېنەن جيەنيې كۇلۇبىدا توپ ئوينايدۇ، ئورنى سول بېك.

  ئىلھام ئىمىنجان، 1986-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئىگە. ھازىر جۇڭگو پۇتبولچىلىق جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى گۈيجۇ خېڭفېڭ جىچېڭ كۇلۇبىدا توپ ئوينايدۇ. ئورنى ئوڭ تەرەپ ھۇجۇمچى.

  ئابدۇۋەلى بىلەن ئىلھام ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئىگە كەسپىي پۇتبولچىلار بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال دۆلىتىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئاز ئۇچرايدۇ. بىز ئابدۇۋەلى بىلەن ئىلھامنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىنى، شىنجاڭدىن مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن كۆرگەيسىلەر.

  



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…