«باي»-«富»
19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەسلى تېكىستى: تۈجۈپىلەپ يۆلەشتە، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر-ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت بىرىنچى قول رەھبىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى ئىرادىدە يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، 2020-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىنى ئومۇميۈزلۈك چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.