«يارىتىش»-«创»
19ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەسلى تېكىستى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش لازىم.