- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى
2017.12.19 15:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 2017-يىلى 23-دېكابىردىن 25-دېكابىرغىچە ئېلىنىدۇ. ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئىمتىھان تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇنى قاتتىق ئەسكەرتىدۇكى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9)» بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەتلىك ئىمتىھاندا، كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلار؛ باشقىلارنى ئېلېكتىرونلۇق كۆچۈرۈش ئەسۋابى ياكى باشقا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھاننىڭ جاۋابىنى باشقىلارغا قانۇنسىز ساتقان ياكى تەمىنلىگەنلەر؛ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەن ياكى ئورنىغا باشقىلارنى ئىمتىھان بەرگۈزگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قانۇنىي ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، قانۇن-ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سەمىمىي ئىمتىھان بېرىشى كېرەك. ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە قەتئىي قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نازارەت قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىمتىھان مۇھىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى قارشى ئالىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر