باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش قەدىمى تېزلىشىپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي فوندنى تولۇقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

كېلەر يىلى، كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 14 يىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈتىۋالىدۇ

2017.12.18 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىقتىساد تىپى ۋە تۆلەم بېسىمىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئەگىشىپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا ئاستىلايدىكەن.

  2005-يىلىدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى سىجىل مۇقىم ئۆستۈرۈرۈلدى، 2017-يىلىغىچە، ئۇدا 13 يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۈتۈنۈش پۇلىنى تۆلەش بېسىمى ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش، قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي فوندنى تولۇقلاش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويدى. كۆپ قىسىم مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۇدا 14 يىل ئېشىشىدا گەپ يوق. بىراق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، ياشانغانلار كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 2017-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن %5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

  كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى سىياسەت يۆنىلىشى ۋە ئىقتىساد سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈتۈنۈش پۇلى يەنىلا سىجىل ئۆسىدىكەن. «كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئىندېكسلاشتۇرۇلۇپ ئۆستۈرىلىشى كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى لايىھەسىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن». جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ بىڭۋېن «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلەر يىلى، كۈتۈنۈش پۇلى جەھەتتە شۈبھىسىزكى، ئۇدا 14يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. «كېلەر يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ %7-%6 ئوتتۇرىسىدا بولۇشنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ، 2012-يىلى، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان يولغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىرلەردىن قارىغاندا، كۈتۈنۈش پۇلىمۇ مۇناسىپ ئۆستۈرۈلىدۇ».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر