خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا 18-دېكابىر بېلەت تاشلاپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېرۇسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى مىسىر تەييارلىغان، ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغان قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسەت قىلىنغان بىر پارچە قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە 14 ئاۋاز قوشۇلدى، بىر ئاۋاز قارشى تۇردى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولغان ئامېرىكا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن، لايىھە ماقۇللانمىدى.
مىسىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەبۇل ئاتا بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قارار لايىھەسى يېرۇسالىم كونا شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەرقانداق غەرەزنىڭ «نەتىجىسىز، ئۈنۈمسىز»لىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. قارار لايىھەسىدە يەنە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېرۇسالىمغا دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتمەسلىكى مۇراجىئەت قىلىندى.
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ تۈپ مەنبەلىك مەسىلىسى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىپ، يېرۇسالىمغا ئالاقىدار ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئىلگىرى سۈرۈشى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى قوغدىشى لازىم.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 12- ئاينىڭ 6-كۈنى يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋتىن يېرۇسالىمغا كۆچۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇردى.
ئىسرائىلىيە 1967-يىلى شەرقىي يېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا پۈتكۈل يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمدە ئايرىلماس پايتەختى» دەپ ئاتىدى، ھالبۇكى پەلەستىن تەرەپ شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىسرائىلىيەنى يېرۇسالىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان نۇرغۇن دۆلەت ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالىمغا ئەمەس بەلكى تېل ئاۋىۋقا تەسىس قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى