باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى

2017.12.19 12:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «رۇسىيە گېزىتى»نىڭ 18-دېكابىر ئېلان قىلغان رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتا)نىڭ قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدە 2018-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى پائالىيىتى 18- دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

  قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى پائالىيىتى 18-دېكابىر رەسمىي باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە، نامزاتلار ئالاقىدار ماتېرىياللارنى رۇسىيە سايلام كومىتېتىغا تاپشۇرۇش، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاش، سايلام رىقابىتى پىروگراممىسىنى تەشۋىق قىلىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تەرتىپلەرنى تاماملىشى كېرەك.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ خام چوتى تەخمىنەن 14 مىليارد 900 مىليون رۇبلى (بىر ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 59 رۇبلىغا تەڭ) بولدى.

  رۇسىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا مۇستەقىل نامزات سالاھىيىتى بىلەن 2018-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رۇسىيەدە زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنىدا زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل، بىر ئادەم زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ئۇدا ئۆتەشكە بولمايدۇ، زۇڭتۇڭ سايلىمى ئىشلىرىنى فېدېراتسىيە كومىتېتى قارار قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر