خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى) گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى كونابازار كەنتىدىكى مەمەت قادىر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ قوغۇن-تاۋۇزنى توپ باھادا سېتىۋېلىپ، پارچە ۋە تېلىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىلىغا 50 مىڭ يۇەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلىپ، ئائىلە ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرمەكتە.
سۈرەتتە: 14-دېكابىر، مەمەت قادىر سانجۇ بازىرىدا قوغۇن-تاۋۇزلىرىنى تېلىپ ساتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى