باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

144 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ۋىزىسىز ئۆتۈش بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلىگىرى سۈردى

2017.12.19 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى تەرەققىيات- پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭيى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ دائىملىق يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان«بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا 144 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، جايلاردىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئايرودرۇم قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاقىلىشىش راۋان، يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى تورىنى قۇرۇشقا باشلىدى. مەسىلەن دۆلەت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 144 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ۋىزىسىز ئۆتۈش بىرلەشمە لىنىيەلىك مەھسۇلاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ياۋروپا- ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى تورىدىن پايدىلىنىپ،بېيجىڭ، تيەنجىن ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى ھاۋا يوللىرىنىڭ بىرىكىشىنى بېيىتىپ، 144 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ۋىزىسىز ئۆتىدىغان ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قولايلىق يول يۈرۈش تاللىشىغا ئىگە قىلىدۇ.

  ھازىر شاڭخەي، خاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي ئايرودرۇملىرىدا 144 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، چېگرىدىن ۋىزىسىز ئۆتۈش ۋاقتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۇزارتىلىشى، توختاش رايونىنىڭ كېڭەيتىلىشى، چاڭجياڭ دېلتا رايونىغا بارىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ يېتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە سودا، ساياھەت قاتارلىق قىسقا مەزگىللىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىغا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يۆتكىلىشى، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر