باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

8-نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى 14-دېكابىر ئاخىرلاشتى

2017.12.18 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم ئايدىن كۆپرەك مارافونچە سۆھبەت ئارقىلىق، 8-نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى 14–دېكابىر مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاخىرلاشتى. گەرچە بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىسى يوق دېيەرلىك بولدى، تىنچلىق سۆھبىتى بىر ئىزدا تۇرۇپ قالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا ياراشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەپسۇسلىنىپ مۇنداق دېدى: سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر قېتىملىق« ئالتۇن پەيتى»نى قولدىن بېرىپ قويدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب-سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆھبەت مەزمۇنى ۋە سۆھبەتلىشىش شەكلىدە ئېغىر ئىختىلاپىنىڭ بولغانلىقىدا.

  بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى 28-دېكابىر باشلاندى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەتىسى جەنۋەگە يېتىپ باردى. ئىككى كۈندىن كېيىن سۆھبەت دەم ئېلىش مەزگىلىگە كىردى. ئەسلىدە 5-دېكابىر ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ئىدى، لېكىن سۇرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-دېكابىرغا كەلگەندىلا، ئاندىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقا-ئارقىدىن كېچىكىپ كەلدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب- سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ سۆھبەت مەزمۇنىغا تۇتقان مەيدانىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىدا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ شەرت قويۇش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا تۆت خىل سۆھبەت باش تېمىسىنى بېكىتتى، يەنى مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنى قايتا تەشكىللەش، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش. لېكىن سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشى تىنچلىقنى قايتا بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى دېگەندە چىڭ تۇردى. ئالدىنقى بىر قانچە قېتىملىق سۆھبەت داۋامىدا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى بۇ مەيدانىدا چىڭ تۇردى. لېكىن ئىزچىل تۈردە سۇرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەسكىن رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا ئارقا–ئارقىدىن غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بۇ تەلىپى بارغانسېرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قالدى. بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت داۋامىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ بەزى ۋەكىللىرى يەنىلا باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى قىلدى، بۇ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جافارى سۆھبەت دەم ئېلىش مەزگىلىگە كىرىشتىن بۇرۇن تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆزى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك. پەقەت ئۆكتىچىلەر مۇشۇ مەيداندا چىڭ تۇرىدىكەن، سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ.

  ئەمما سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى بولسا سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئالدىن شەرت قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى، پەقەتلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشقا تاقابىل تۇردى.

  ئۇندىن باشقا، سۆھبەت شەكلىدە، ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى، ئالدىنقى مەزگىلدە چەتئەللەر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان سۇرىيەدىكى قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىشىمۇ رېئاللىققا ئايلانمىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق سۆھبەت داۋامىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىردەك قارشى تەرەپنىڭ ۋەكىللىكلىكىدىن گۇمان قىلغان ھەمدە ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى ئىچىدە بەزى كىشىلەرنىڭ تېررورچى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن بۇرۇن، چەتئەللەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشىنى بىر يارقىن نۇقتا دەپ قارىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت داۋامىدا، ئالاھىدە ئەلچى دىمىستۇرا سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشمىدى، «پاراللېل يۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللاندى، يەنى ئۇ ئىككى ئوخشاش بولمىغان ئۆيدە قاتراپ يۈرۈپ، نۆۋەت بىلەن ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى خىل سۆھبەت شەكلى يۈز تۇرانە بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ بۇ نۆۋەت رېئاللىققا ئايلانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارىشى مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

  ئەسلىدە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى كۆزنەك مەزگىل يېتىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت يەنىلا نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. شۇڭا دېمىستۇرا دەل جايىغا تەگكۈزۈپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىشىنىڭ كەمچىل بولۇشىدا. بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن، سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ئالتۇن پەيت»نى قولدىن بېرىپ قويدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە توقۇنۇشى ئۇدا يەتتە يىل داۋاملاشتى، خەلق ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى، نۇرغۇن شەھەرلەر خارابىلىققا ئايلاندى. سۇرىيەدىكى سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، سۇرىيە خەلقىنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك.

  دەل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى شيې شياۋيەن ئېيتقاندەك، تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن نەتىجە نىشانى بېكىتىش- ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانىدۇر، بۇ نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق، بىراقلا ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىگە، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا موھتاج.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر