- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي ئۆز پارتىيەسى ئىچىدە قىلتاققا ئۇچرىدى
2017.12.18 13:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىڭ تەسلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» لايىھەسىدىكى ئۈچ چوڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، 14-دېكابىر ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا سودا مۇناسىۋىتى سۆھبىتىنى باشلىماقچى بولغان ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي 13-دېكابىر ئۆز پارتىيەسى ئىچىدە قىلتاققا ئۇچرىدى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ 12 پارلامېنت ئەزاسى ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پارلامېنتنى ھۆكۈمەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان ھەرقانداق «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىگە «ياق» دېيىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇساپىسى تۇنجى ئويۇن بولدى، ئەمما پارلامېنتنىڭ يىغىن ھارپىسىدىكى بۇ ئويۇنى- شۈبھىسىزكى تېرىسا ماي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سىياسىتىنى تۈزۈشتىكى يېتەكچى ھوقۇقىغا زەربە بولدى، سۆھبەتنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىلىشىغا يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىشچان ئامىللار قوشۇلدى.
12 نەپەر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى «ئاسىيلىق» قىلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى.
ئاسىيلىق قىلغۇچىلار 8 نەپەر سابىق كابىنېت ۋەزىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تۈزگۈچى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش تەپتىشى دومىنىكا گرىف مۇنداق دېدى: ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى پارلامېنتنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» قارالمىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە قۇرۇق تالون بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يەنە بىر ئاسىيلىق قىلغۇچى سىتىۋېن ھامموند بولۇپ، ئاۋاز بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى بىكار قىلىندى.
سابىق مائارىپ ۋەزىرى نىجى مورگان: بۈگۈن كەچتە پارلامېنت «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇساپىسىنى كونترول قىلدى، دېدى.
باشقا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز ئادەملىرىنىڭ «ئاسىيلىق» قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى مۇنداق دېدى: بۇ ھۆكۈمەتنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» قارالمىسىنىڭ پارلامېنتتا يولۇققان تۇنجى مەيدان ھەقىقىي مەغلۇبىيىتى.
ئۆكتىچى پارتىيە شاد ـ خۇراملىققا چۆمدى. لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جىرىمى كوربىن مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» توغرىسىدا كېيىنكى قەدەمدىكى مۇھىم قارالمىنى مۇزاكىرە قىلىش ھارپىسىدا كۆرۈلدى، بۇ تېرىسا ماي ئۈچۈن ئېيتقاندا «شەخسىي نوپۇزىنىڭ ئىزا-ئاھانەتلىك يوقىتىلىشى».
ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈمىدسىزلەندۇق، گەرچە بىز كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن بولساقمۇ، لېكىن پارلامېنت يەنىلا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى بىزنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كۈنى قائىدە-نىزامىنى تۈزۈشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
ئەنگلىيە بۇ يىل 29-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»ھۆججىتىنى رەسمىي سۇنغان، قائىدە بويىچە، ئىككى يىلدىن كېيىنكى 2019-يىلى 29-مارت، يەنى ئاتالمىش «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلماقچى بولغان.
بەزى كابىنېت ئەزالىرى ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەسلىدىلا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» لايىھەسى توغرىسىدا بۆلۈنۈش بەك ئېغىر ئىدى، پارلامېنتنىڭ قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى بېكىتىشىدىمۇ قۇرۇق تالاش-تارتىشلار ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئىدى.
ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلەر يىلى كۈزدىن بۇرۇن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»تىن كېيىنكى ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلىشى كېرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋاقىت چىقىرىپ تەستىقلىشى لازىم. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنى ۋاقىت قىس دەپ قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇدى.
ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئىشلىرى ۋەزىرى دەيۋىس مۇنداق دېگەن: ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئايرىلىش ھەققى، چېگرا ئايرىش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق قارالمىلاردا ھاسىل قىلغان كېلىشىملىرى پەقەتلا مۇددىئا باياناتى، بۇلار تېخى مۇكەممەللەشمىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» باش سۆھبەت ۋەكىلى بانىيې مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ بەرگەن ۋەدىسى لايىھەگە خاتىرىلەنگەن، يېنىۋېلىشقا بولمايدۇ، كېيىنكى قەدەمدە لايىھە قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە كېلىشىمگە ئايلىنىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر