- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان روتىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
2017.12.18 14:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-دېكابىر 71-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە مەلۇم بىرىگادىسىدىكى ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان روتىنى كۆزدىن كەچۈردى، روتا شەرەپ زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، «ۋاڭ جيې ئوتدېلنىيەسى»دىكى جەڭچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
كوماندىر-جەڭچىلەر بەس-بەستە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىرىنچىدىن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماسلىق» ئىنقىلابىي روھىنى ئۆگىنىش، جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلام قىسىملىرىدا كۈچەيتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئېنىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئادا قىلىمىز.
دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قارلىق ئېگىزلىكتە ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، سۇ تامسىلا مۇز تۇتاتتى. 77-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە مەلۇم بىرىكمە بىرىگادىسى ئۇدا 48 سائەتلىك مانېۋىر سىنىقى قىلىۋاتاتتى. بۇ بىرىگادىنىڭ سىياسىي كومىسسارى شۈ جۈن مۇنداق دېدى: كوماندىر-جەڭچىلەر تېلېۋىزوردىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان روتىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىك خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى روھلاندى. مۇھىت قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرىكمە ئۇرۇش توپى بىر ئۆتكۈر پىچاق، ھەرخىل شارائىتتىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل ئادا قىلالىشى كېرەك. كوماندىر-جەڭچىلەر «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن ھەممىسى غەيرەت-شىجائەتكە تولدى.
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋاكىلى، 83-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە مەلۇم بىرىگادىسى «تۆھپىكار 3-روتا»نىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىغا ۋارىسلىق قىلىش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى ئەسكىرى بولۇش دېگەنلىكتۇر، بۇ روتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
ئۇرۇش رايونلىرى، ئارمىيە خىللىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىدىكى تارماقلاردىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش داۋامىدا مۇنداق دەپ قارىدى: «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىنى نۇرلاندۇرۇشتا «ئۇرۇش»نى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، «ھەرۋاقىت ئۇرۇشقا ئاتلىنىشقا تەييار تۇرۇش» مەسئۇلىيەت ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى مەسئۇلىيىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇندىشىمىز لازىم.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر