باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو باش كونسۇلخانىسى: نېگىرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان تۆت نەپەر جۇڭگو پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى

2017.12.18 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ لاگوستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەلىللەپ مەلۇمات بېرىشىچە، نىگېرىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى رايونلاردا تۇتقۇن قىلىنغان تۆت نەپەر جۇڭگولۇق پۇقرا 16- چېسلا نىگېرىيە ھەربىي تەرەپ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

  جۇڭگونىڭ لاگوستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى مۇنداق دېدى: 14- چېسلا سەھەر سائەت 5تە، تۆت نەپەر جۇڭگولۇق بېلىقچى لاگوسنىڭ شەرقىدىكى لېكى پورتى ئەتراپىدا بېلىق تۇتۇۋاتقاندا، دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، دېڭىز قاراقچىلىرى كېمىسىنى ئوندو ئىشتاتى تەرەپكە ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان نىگېرىيە دېڭىز ئارمىيەسى فىلوتى تەرىپىدىن بايقالغان. 16- چېسلا، نىگېرىيە ھەربىي تەرەپ باندىتلار بىلەن ئوندو ئىشتاتىدىكى سۇ رايونىدا ئېتىشىشقاندىن كېيىن، تۆت نەپەر جۇڭگو پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

  جۇڭگونىڭ لاگوستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش كونسۇلى چاۋ شياۋلىياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۈچ نەپەر جۇڭگو پۇقراسى شۇ تۇتقۇن ۋەقەسىدە يارىلانغان بولۇپ، ھازىر شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، كونسۇلخانا ئادەم ئەۋەتىپ يوقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.

  جۇڭگونىڭ لاگوستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بۇ ۋەقەدىن بۇرۇنمۇ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلغان ئىدى. مىلاد بايرىمى ۋە يىل بېشىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق يامان خاراكتېرلىك دېلولار كۆپ يۈز بەرمەكتە. جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زۆرۈر بولمىغاندا سىرتقا چىقىشنى ئازايتىپ، كېچىدە سىرتقا چىقىش ياكى يالغۇز سەپەرگە چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ھەقىقەتەن سەپەرگە چىقىشقا توغرا كەلسە، ئۆزىگە قوراللىق قوغدىغۇچىلارنى تولۇق سەپلەپ ئاندىن چىقىش، ھەمدە سەپەرگە چىقىش لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر