دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئىيۇل مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىغا شاھىت بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن باش مەمۇر ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان، باشقۇرۇش كوللېكتىپىنى باشلاپ سىياسىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دىققىتىنى مۇجەسسەملەپ، بىر يۈرۈش سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى باشلىنىش يارىتىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، باش مەمۇر ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش كوللېكتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ۋاقتىدا ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنى شياڭگاڭغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى ۋە ماسلاشتى، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدا، بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ھەم ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ تاكتىكىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ-مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى شۇنداقلا مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندا بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم فاڭجېنىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭنىڭ بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ئاچقۇچ-بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم، شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە كەسكىن ئىش بېجىرىشىدە. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەركەزنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملىقىغا يۇغۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ-شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى شۇنداقلا شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى جايلارنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىدىكى مۇقەررەر تاللىشى. مەن باش مەمۇرنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلاردىن ۋەتەن خەلقى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر سۈي شىئەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 6-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە خىرىسلارغا پۇختا تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تېخىمۇ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركەز باش مەمۇر سۈي شىئەن ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا يېپىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. باش مەمۇر ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش كوللېكتىپىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئاۋمېندا لېكسىيە سۆزلىشىگە ماسلاشتى، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنى ئاۋمېن بىلەن ۋەتەننىڭ تەقدىرداش بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتتا، بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ھەم ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ تاكتىكىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بېكىتىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى مۇھىم ئورنى شۇنداقلا مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە باش مەمۇرنىڭ سىياسىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئاكتىپ ئىشلىشى، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملىقىغا يۇغۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن سۈي شىئەن ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېننىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇملۇق ئېڭى ۋە كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈمنىڭ ئاۋمېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ دېجياڭ، دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، يۇچۈەن قاتارلىقلار بىللە كۆرۈشتى.