- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىراقنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ 37 مىليونغا يەتتى
2017.12.19 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە نوپۇسى كۆپىيىپ 37 مىليونغا، تۇغۇلۇش نىسبىتى تەخمىنەن %30.1گە يەتكەن.
ئىراق مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16- چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2017- يىلى دۆلەتنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە نىسبەتتىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرغىچىلىك، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي نوپۇس 37 مىليون 139مىڭ 519غا يەتتى؛ 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى %3.96 بولۇپ، ئومۇمىي تۇغۇش نىسبىتى تەخمىنەن (بىر يىل ئىچىدە ھەر 1000 ئادەم تۇغۇلغان ئادەم سانى نىسبىتى بويىچە) %30.1گە يەتتى.
مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى باياناتتا يەنە مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئىراقتا ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 71.5 ياش، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 75.4 ياش بولماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر