باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەمىنلىگەن ئاخبارات رۇسىيەنى بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالدى

پۇتىن ترامپقا تېلېفون بېرىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى

2017.12.19 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ 17-دېكابىر ئېيتىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمېر پۇتىن شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپقا تېلېفون بېرىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇچۇر ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپ رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سانت پېتربۇرگدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، پۇتىن ترامپقا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتقان. رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇچۇرى بويىچە، سانت پېتربۇرگ شەھىرىدىكى قازان چېركاۋى ۋە باشقا كىشىلەر توپلاشقان نۇقتىغا قارىتىلغان بىر يۈرۈش بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، گۇماندارلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار دېيىلدى: پۇتىن ترامپقا ۋەدە بېرىدۇكى، ناۋادا رۇسىيە تەرەپ ئامېرىكا دۆلىتى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا تەھدىت ۋە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ئاخباراتلارنى قولغا چۈشۈرسە، شۇ ھامان ئالاقە يولى ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر