خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: بۇيىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، پوسكام ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان ئىدى. بۇ ناھىيە يېقىندا مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 40گە يېقىن ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 75 «قوش تىل»بالىلار يەسلىسىنىڭ دۆلەت تىلى ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ناھىيە بويىچە كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ساقلانغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
سۈرەتتە: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەركۈيباغ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى دەرسىنى سۆزلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى