خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋىرى) «19-قۇرۇلتاي روھى ئەل قەلبىنى شادلاندۇردى»، «قۇرۇلتاينىڭ نۇرلىرى يولىمىزنى يورۇتتى»...مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېكىستلەردىن تۈزۈلۈپ دۇتار، تەمبۇر، غېجەك ساداسىغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلغان ناخشىلار باي ناھىيەسى مىچىخ يېزىسى شىرغاتاي كەنتىنىڭ چوڭ يىغىن زالىنى لەرزىگە كەلتۈردى. 2017-يىل 16-دېكابىر كەچتە، باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى بىلەن ناھىيەلىك تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ــ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلار كەنتتىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى»دىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش __ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ــ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
سەنئەت پائالىيىتىدىكى نومۇرلارنى خەلق سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئاددى ۋە گۈزەل مىسرالاردىن تۈزۈلگەن. نومۇرلاردا 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلعان شانلىق نەتىجىلەر، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى، «ئۈچنى قىزغىن سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» مەزمۇنلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان ھەربىر نومۇرلار ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، يەرلىك ئاھاڭ-كۈيلەر تەڭكەش قىلىنغاچقا، ھەربىر نومۇر ئاخىرلاشقاندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى پەلەككە يېتىپ، زال ئىچىنى لەرزىگە كەلتۈردى.
خەلق سەنئەتكارى ۋە يەرلىك تەشۋىقاتچى گۈلنىسا راخمان ئورۇنلىغان «ئانام ــ جۇڭخۇا» ناملىق ناخشا ئورۇنلانغاندا، زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ چاۋاك چېلىپ، ئالقىش سادالىرىنى پەلەككە يەتكۈزدى.سەنئەت پائالىيىتىنى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىر-خىزمەتچىلەر ئۆز تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆردى ۋە بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاپ، بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، قوشماق تۇغقانچىلىق رىشتى تېخىمۇ چىڭىدى.
پائالىيەتتە، 19-قۇرۇلتاي روھىدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، توغرا جاۋاب بەرگەنلەر تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى. خەلق سەنئىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى تەشۋىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئارقىلىق، 19-قۇرۇلتاي روھى ئەل قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى.
باي ناھىيەسى مىچىخ يېزىسى شىرغاتاي كەنت شۇجىسى گۈلقىز رازاق مۇنداق دېدى: خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن بىرلەشكەن بۇ قېتىمقى تەشۋىقات دېھقان-چارۋىچىلارغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى تېخىمۇ ياخشى بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىز مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مۇشۇنداق شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
دېھقان ئەرشى ئىلياس مۇنداق دېدى: «مەن تۇغقىنىم جۇ شۆجۈن بىلەن بىرلىكتە ئويۇن كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم، تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىرگە بولۇپ، تۇغقانچىلىقىمىز تېخىمۇ قويۇقلاشتى».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى