باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى كولومبىيەدە زىيارەتتە بولدى

2017.12.20 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- دېكابىردىن 18- دېكابىرغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە چېڭدۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى فەن رۈيپىڭ 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ كولومبىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  زىيارەت جەريانىدا، فەن رۈيپىڭ كولومبىيە دۆلەت پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى لارا بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېراگورى ۋە لىبېرالىستلار پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى سانچېز قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. كولومبىيە ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھ رەھبەرلىرى، ئوفىتسېر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتارلىقلارغا 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

  كولومبىيە تەرەپ ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى، 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تارىخىي نەتىجىلىرى ۋە ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودىسىنى ۋە مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئارىلىقتا، فەن رۈيپىڭ كولومبىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىق ئەزالار ئۈچۈن پارتىيە دەرسى ئۆتتى، ھەمدە 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېڭدۇ • كولومبىيە ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە مېزىلىك يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى يىغىنىغا قاتناشتى، شۇ ۋاقىتتىمۇ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مېھمانلارغا 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چۈشەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر