باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.20 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش نۆۋەتتىكى ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تەمىنلەش ھالقىسى بىلەن كەسىپ ئېھتىياجى ھالقىسىدىكى ئامىللارنىڭ ھەر تەرەپتىن بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا-ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى ماس تەرەققىي قىلغان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماس پىلانلاپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن يېتىشتۈرۈشنى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈش؛ كەسپىي مائارىپ بىلەن رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى تەدرىجىي ھالدا كەسىپ ۋە نوپۇس توپلانغان رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش؛ ئالىي مائارىپنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىگە زىچ تۇتاشقان پەن كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر يولى، ئاۋىياتسىيە موتورى ۋە يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى، تور بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەن كەسىپ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش؛ ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك تەڭشىشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر