باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى

__ ئېنرىك دۇسسېل (مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو-مېكسىكا مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى)

2017.12.20 18:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇۋەپپەقىيەت ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ ھەمدە ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇناسىپ سىياسەت تۈزەلەيدۇ، بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك.

  جۇڭگونىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ھەممەيلەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى جانسىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئۆتكەنكى بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۆلچەرىدىن ئېشىپ كېتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئىقتىساد تىپىدىن بارا-بارا ئىچكى ئېھتىياج تىپىدىكى مۇلازىمەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئىقتىساد تىپىغا ئۆزگەرمەكتە. ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيانى تېخىمۇ زور ھەيران قالدۇرىدۇ.

  يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ئارقىلىق شۇ رايونلارنى 1 مىليون 800 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەمكارلىقى كەلگۈسىدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلىشىدىن باشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، جۇڭگونىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغان سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. جۇڭگودا مەركەزنىڭ سىياسىتى ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە يۇقىرى ئۈنۈم بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن. مەسىلەن، ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىشتە ئىپادىلىگەن ئۆزىنى پاكلاش ئىرادىسى ۋە تەلەپچانلىقى. تارىختىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك پارتىيەلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلىش ۋە تۈزىتىش جەريانى تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بەزىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەمدى توختاپ ئارام ئېلىۋالسىمۇ بولىدۇ. بىراق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرەلىدى ۋە ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا مۇناسىپ كېلىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزدى، بۇ، ئىنتايىن قىممەتلىك. مەسىلەن، رايونلار ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى جۇڭگودا ئىزچىل مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن، بۇ مەسىلە جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ھۆكۈم قىلىشى ناھايىتى توغرا بولدى، بۇنىڭلىق بىلەن جۇڭگو ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىنى تۈزدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولدى، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا ھاسىل قىلغان قىسقا مۇددەتلىك، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانى جۇڭگونى ئاخىرقى ھېسابتا گۈللەنگەن، دېموكراتىك، ئىناق زامانىۋى دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى ئۇ كەلگۈسى بەش يىل، ئون يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات، شەھەر-بازارلىشىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مۇساپىلەرگە چېتىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان تۈزدى. جۇڭگو تۈزگەن پىلان ئىلمىي ھەم ئېنىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ بىۋاسىتە نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر