باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېفىئوپىيەدە ئىككى مىللەت توقۇنۇشۇپ 78 ئادەم قازا قىلدى

2017.12.20 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېفىئوپىيە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى نېگرى 19-دېكابىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئېفىئوپىيەنىڭ ئورومىيە ئىشتاتىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ئورومولار ۋە سومالى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 78 ئادەم قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نېگرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى، ئورومىيە ئىشتاتىنىڭ غەربىي خالىر رايونىدا، ئورومولار يېمەكلىك ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 29 ئادەم ئۆلدى، يېمەكلىكلەر بۇلاپ كېتىلدى. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلار بەلكىم غەربىي خالىر رايونىدىكى سومالى مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتتىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئورومو مىللىتىدىكى قازا قىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرى ئارقىدىن سومالى مىللىتىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىپ، 49 ئادەم قازا قىلغان.

  نېگرى ئېفىئوپىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىشىش ئۈچۈن، قەبىلە باشلىقلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  يەر ئايرىش تالاش-تارتىشى سەۋەبلىك، ئېفىئوپىيەدە ئورومولار ۋە سومالىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان مۇناسىۋەت جىددىي بولۇپ كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر