باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئۆيلۈك يەرلەرنى جانلىق ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ

2017.12.20 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېغىر نامرات رايونلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجارىگە بېرىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆيلۈك يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ، پاي قوشۇش، شېرىكلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېزىلارنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قوللىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر» بويىچە، ئېغىر نامرات رايونلار دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش مۈلۈك ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، سىرتقى كاپىتالنىڭ تىزگىنلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجارىگە بېرىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دېھقانلارنىڭ بوش ئۆي ۋە ئۆيلۈك يەرلىرىنى جانلاندۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە بولىدىكەن؛ يېزا-كەنتلەرنى تۈزەش، ئۆيلۈك يەرلەرنى رەتكە سېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تېجەلگەن قۇرۇلۇش يېرىنى پاي قوشۇش، شېرىكلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىشىگە رىغبەتلەندۈرىدىكەن. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، قوشۇمچە ئەسلىھە ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرگە يەر ئىشلىتىشتە يېزا ئىگىلىك يېرى بويىچە باشقۇرۇلىدىكەن. ساياھەت تۈرىدىكى تەبىئىي مەنزىرە ۋە مەنزىرە تاماشا قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ياسالغان تاماشا سۇپىسى، ئاسما يول قاتارلىق ۋاقىتلىق بېقىنما مۇئەسسەسەلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزدىن باشقا ئىگىلىگەن يېزا ئىگىلىك يېرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، مەنزىرە مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق ۋە گېئولوگىيەلىك بىخەتەرلىككە تەسىر كۆرسەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا يىغىۋېلىنمايدىكەن ۋە باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەيدىكەن، ھازىرقى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە باشقۇرۇلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر