باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن «چاقماق ھەرىكىتى» ئورۇنلاشتۇردى

رايون خاراكتېرلىك ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساشتىكى جاھىل قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك

2017.12.20 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرۇلىدىغان «چاقماق ھەرىكىتى»نى ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايەت مەنبەلىرى سۈپىتىدىكى جىنايەت ئۇۋىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، جىنايەت كەسپىنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ساختا تاۋار ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يالغان مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى»، «توردىكى يالغان مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ۋە «بۇلۇت تېرمىنالى 2017» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغان. نەتىجىدە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا چېتىلىدىغان جىنايەت دېلولىرىدىن 130مىڭ 570ى پاش قىلىنغان، دېلوغا چېتىشلىق زاڭ ماللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىرىنىڭ قىممەت سوممىسى 93 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، 149 مىڭ جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلگەن. ھەم شۇنداقلا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشتەك جىنايىي قىلمىشلارنىڭ زەنجىرلىشىشى، كەسىپلىشىشى ۋە رايون ھالقىش يۈزلىنىشىدەك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «چوڭ سانلىق مەلۇمات» تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ساختا تاۋار ياساش ۋە سېتىشنىڭ بارلىق ھالقىلىرى ۋە بارلىق زەنجىرلىرىگە دەل جايىدا زەربە بەرگەن. نەتىجىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، رايون ھالقىغان، چېگرا ھالقىغان ۋە كەسىپلەشكەن 2200دىن ئارتۇق پەۋقۇلئاددە زور جىنايەت تورلىرىنى يوقاتقان.

  نۆۋەتتە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشتەك جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ساختا تاۋار ياساش ۋە سېتىشتەك قىلمىشلار يەنىلا بىر قەدەر ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، نۇرغۇن جىنايەت زەنجىرلىرى ۋە تورلار تېخى ئۈزۈپ تاشلانمىدى، ساھە ۋە رايون خاراكتېرلىك ساختا تاۋار ياساپ سېتىش ئەھۋالى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا. شۇڭا بۇ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چاقماق ھەرىكىتى»نىڭ نىشانى شۇكى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان سالغان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيانكەشلىك قىلغان گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە كۈچلۈك ھالدا زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قورشاپ يوقۇتۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان پەن-تېخنىكا خىمىيە بۇيۇملىرى، ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك ۋە سومكا-چامادانلار، ئاپتوموبىل زاپچىلىرى، بېسىش ماتېرىياللىرى ۋە ماشىنا ۋە ئېلېكتىر قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاتتىق كۆزىتىپ، «يېڭى يىل» ۋە «چاغان»دىن ئىبارەت ئىككى بايرامنىڭ بازىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ جايلاردا كۆپ قېتىم زەربە بېرىپمۇ يوقىتالمىغان رايون خاراكتېرلىك ساختىلىق ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلغان قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى مەركەزلىك ھالدا تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغۇچىلارغا ئېغىر دەرىجىدە بەدەل تۆلىگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر