1 G قېتىملىق «گۈللىنىش» ناملىق پويىز بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى (9-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىز 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول سودا تىرانسپورتى سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
بۇ يىل قاتناش باشلانغان «گۈللىنىش» ناملىق تېز پويىز بېيجىڭ- شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا سائىتىگە 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جۇڭگو سۈرئىتى ياراتتى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈش- لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوق پويىز، پويىز كونترول قىلىش، ئۇلاپ توك بېرىش، يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى،
جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي تېخنىكا سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قەدەم قويدى، بىر قىسىم تېخنىكىلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىدە تۇرماقتا. جۇڭگونىڭ «يېڭى تۆت چوڭ كەشپىياتى»نىڭ بىرى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول جۇڭگو يولۇچىلىرىغا بىخەتەر، قولايلىق مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانى ھەيران قالدۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى