- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جىنەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى جياڭ لىن تەكشۈرۈلمەكتە
2017.12.20 16:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-دېكابىر جىنەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جىنەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى جياڭ لىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
جياڭ لىن، ئەر، 1962-يىلى 6- ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ جىنىڭدىن. ئىلگىرى شەندۇڭ ئۆلكىسى جاڭچيۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2011-يىلى جاڭچيۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2014- يىلى، جاڭچيۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مىڭشۈي ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2017-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە جىنەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر