باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇغقانلار قانچە يېقىن ئۆتسە، ھېسسىيات شۇنچە چوڭقۇرلىشىدىكەن

2017.12.20 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل » ئىشخانىسىدىن ئالمىرە ئۆمەر) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 80 كادىرنى «قوشماقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»قا سەپەرۋەر قىلدى. ئۇلار ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ھەمدە تاماق پۇللىرىنى ئېلىپ قارتال بازىرى سېرىق قىرچىن كەنتىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

  كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قۇپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ قىينچىلىقىنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كۈندۈزلىرى دېھقانلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىپ، كەچتە دېھقانلار بىلەن تاماق ئەتكەچ، تاماق يېگەچ ئۆز-ئارا قىزغىن مۇڭدىشىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ۋە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتى.

  دېھقان ئەنۋەر ئابلەت ئىنتايىن خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن بۇنچىلىك جىق تۇغقانلارنىڭ كېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئۇلارنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇش بولدۇم. ئاكام-ئىنىلىرىم مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئىشلەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بالىلىرىمنى ياخشى بېقىشىمنى، ئۆيدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتتى، بۇنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋە بالام دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تۇغقانلىرىم بىلەن داۋاملىق ئىزدىشىپ ئالاقە قىلىپ، ئوتتۇرمىزدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمەن».

  ئەنۋەر ئابلەتنىڭ تۇغقىنى ليۇ جيۇ شىڭ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە ياتىدىغىنىمنى ئويلاپ، بەك ئەپسىز بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۈندە بىللە بولۇپ، ئۆز-ئارا سەمىمىي ھال-مۇڭ بولغاندىن كېيىن دەسلەپكى جىددىيلىشىش يوق بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە پات-پات كېلىپ تۇرىمەن، ئۇنى ئۆيۈمگە بېرىشقا تەكلىپ قىلىمەن، تۇغقانلار قانچە يېقىن ئۆتسە، ھېسىيات شۇنچە چوڭقۇرلىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر