خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل » ئىشخانىسىدىن ئالمىرە ئۆمەر) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن قارتال بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت ئىككى بەنزە ئەزالىرى قاتناشقان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان مەنىۋى مەدەنىيلىك مۇسابىقىسى ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، يەسلىگە ياردەمگە چۈشكەن ئوقۇتقۇچىلار، كەنت ساقچىلىرى، دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى قاتناشتى.
پائالىيەت قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن دېھقان ياسىن ئابلا مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە ئارقىلىق مەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ۋە پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا قاراتقان نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم. بۇنىڭدىن كېيىن كەنتىمىز تېخىمۇ گۈزەل، باي بولغۇسى».
دېھقان ئامانگۈل تۇراق مۇنداق دېدى: «بۇنداق پائالىيەتنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ پائالىيەت بىزنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگنىش ئارقىلىق بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى بىلدۇق. بىز چىن قەلبىمىزدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «مەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىباپ تىلدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىقات قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزىمەن».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى