باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا بىر پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى

2017.12.19 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مەملىكەتلىك تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار پويىزى 18- چېسلا ۋاشىنگتون ئىشتاتى تاكمارى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.

  ئامېرىكا مەملىكەتلىك تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش شىركىتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:سېئاتىلدىن پورتلاندغا بارىدىغان 501- قېتىملىق پويىز شۇ كۈنى ۋاشىنگتون ئىشتاتى تاكمارى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يول بۆلىكىدە رېلىستىن چىقىپ كەتكەن. پويىزدا تەخمىنەن 78 نەپەر يولۇچى ۋە بەش نەپەر خىزمەتچى خادىم بار بولۇپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم يولۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملار يارىلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. مەزكۇر ھادىسىنىڭ تەسىرىدە، بۇ شىركەت سېئاتلنىڭ جەنۇبى يۆنىلىشىگە بولغان تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

  ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قاراشلىق پېرسپېكس ناھىيەسى ساقچى باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دەلىللىشىچە، ۋەقە 18- چېسلا سائەت 7دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدىكى رېلىس تېخى يېڭى ياتقۇزۇلغان بولۇپ، پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى تەخمىنەن 130 كىلومېتىرغا يەتكەن. رېلىستىن چىقىپ كەتكەن بىرقانچە ۋاگون تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئاستىدىكى 5- نومۇرلۇق ئىشتاتلار ئارا تاشيول يول يۈزىگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي يۆنىلىشكە قاتنايدىغان تۆمۈر يول ۋاقتىنچە تاقالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالتە كىشى بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن.

  پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت تىرانسپورت بىخەتەرلىكى كومىتېتى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەزكۇر ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر