باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ھۆججەت چىقىرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرگەندىكى تەرتىپ ۋە تەھقىقلەش تەدبىرىنى قېلىپلاشتۇردى

ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىشتە سالمىقىغا ۋە ئادىل بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك

2017.12.20 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، «بەلگىلىمە»دە بىر قاتار تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان، بازار تەرتىپىنى قوغداش بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي ماجىرا بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى توغرا بېكىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشكە ئالاقىدار نىزاملار 15كە يېتىپ بەلگىلىمىنىڭ 6/1نى ئىگىلىگەن. مەسىلەن: «بەلگىلىمىنىڭ» 3-ماددىسىدا «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرگەندە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى باراۋەر قوغداش، دەۋادىكى ئورنى ۋە دەۋا ھوقۇقى، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقنىڭ باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك» دەپ بەلگىلىنىپ، باراۋەر قوغداش پىرىنسىپى تولۇق نامايان قىلىنغان؛ 4-ماددىسىدا «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرگەندە چوقۇن قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بېجىرىشى، تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك تەھقىقلەش تەدبىرىنى ئۆلچەملىك قوللىنىشى، جىسمانىي، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش خاراكتېردىكى تەدبىرلەرنى توغرا تەتبىقلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بەلگىلىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك تەھقىقلەش تەدبىرى» جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرگەندىكى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە ئالاقىدار تەھقىقلەش تەدبىرىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، بۇ ھەر قايسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ جىنايەتكە زەربە بېرىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش بىلەن بىرگە تەھقىقلەش ئۇسۇلىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ نورمال تەرتىپىگە كاشىلا قىلىشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقىدار ماددىدا دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن، بۇ جىنايەتكە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدىيەسىگە ئېتىبار بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مەسىلەن بەلگىلىمىنىڭ 50-ماددىسىدا «پېچەتلەش، تۇتۇپ قىلىش، توڭلىتىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار تەرەپنىڭ داۋاملىق مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش، شۇنداقلا زۆرۈر بولغان قىممىتىنى ساقلاش-باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، تەھقىقلەپ دېلو بېجىرىشنىڭ نورمال خىزمەت ۋە قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئالاقىدار تارماق ياكى ھاۋالە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.» دەپ بېكىتىلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر