باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىلى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس ھەمكارلىق مەركىزىدىكى چېگرادىن كىرگەن ۋە چىققانلارنىڭ سانى بەش مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2018.01.08 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى دۆلەت دەرۋازىسى (ماتېرىيال سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى چېگرادىن كىرگەن ۋە چىققانلارنىڭ سانى بەش مىليون 548 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلىدىكىدىن %10.8 ئاشقان.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىكتە قۇرغان چېگرا ھالقىغان ئەركىن سودا رايونى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان مال سېتىۋېلىش رايونى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر ھەمكارلىق مەركىزى 2012- يىلى تاموژنىنى سىرتقا تاقاق ھالدا قويۇپ ئىش بېجىرىشكە باشلىغاندىن بۇيان، يولۇچىلار سانى تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

  قورغاس چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كەسپى بەشىنچى بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىسى ليۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ھەمكارلىق مەركىزىدىن ھەر كۈنى كىرىپ ـ چىقىپ تۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم ( قېتىم)غا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىدۇ. نۆۋەتتە ئادەم كۈچى بىلەن تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش يولى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىۋىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ساياھەتچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە كىرىپ-چىقىشى قولايلىشىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەدرىجى ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگرىسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تولۇق يېپىق ھالەتتىكى رايون ئىچىدە، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرى، ۋىزا ھاجەتسىز ھالدا پاسپورتقىلا تايىنىپ ياكى چېگرادىن كىرىپ- چىقىش يول خېتى قاتارلىق ئىناۋەتلىك كىنىشكا ئارقىلىقلا ھەمكارلىق مەركىزىدىن كىرىپ-چىقىشقا بولىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن، يۈزتۇرانە سودا سۆھبىتى ۋە تاۋار سودىسى قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر