باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىختىساسلىقلار ۋىزىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىلىدۇ

2018.01.05 17:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار دۆلەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ۋىزىسى بېرىش دائىرىسى ۋە مۆھلىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە بوشىتىش ئۈچۈن، دۆلەت چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا «چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار ۋىزىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان.

  چەت ئەللىك مۇتەخەسسىلەر ئىدارىسنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يولغا قويۇش چارىسىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساسلىق سىياسەتلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

  ئىقتىساسلىقلار ۋىزىسى بېرىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ، «چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش تۈرى ئۆلچىمى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىكى چەت ئەللىك ئالىي مۇتەخەسسىسلەر ئۆلچىمىگە ئويغۇن كەلسىلا، «ئالىي، سەرخىل، ئىلغار، كەمچىل تېخنىكىغا ئىگە ئىختىساسلىقلار »ۋە بازار ئېھتىياجى يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىملار، پەن-تېخنىكىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار، خەلقئارادىكى كارخانىچىلار، مەخسۇس ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئېھتىياجلىق چەت ئەللىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەتىۋارلىق، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىختىساسلىقلار ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، چەت ئەللىك ئالىي ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆلچىمى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىلەن تەمىنلەش- تەلەپ قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ؛ ئىختىساسلىقلارغا ۋىزىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ۋە تۇرۇپ قېلىش مۇددىتى يەنىمۇ بوشىتىلىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىكەن دەپ بېكىتكەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە 5 يىللىق ياكى 10 يىللىق ئىناۋەتكە ئىگە، كۆپ قېتىم چېگرىدىن كىرىپ- چىقىش، ھەر قېتىمدا 180 كۈن تۇرۇش ۋىزىسى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ جۆرىسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئوخشاش، كۆپ قېتىم چېگرىدىن كىرىپ چىقىشقا مۇناسىپ تۈردىكى ۋىزا بېرىلىدۇ؛ ئىختىساسلىقلار ۋىزىسى بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پۈتكۈل جەرياندا توردا ئىلتىماس قىلىش، ئىلتىماس قىلغان ھامان بېجىرىپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تەكشۈرۈش، تەستىقلاپ تارقىتىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋاقتى 5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ، ئالىي ئىختىساسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىسى ۋە پەرزەنتلىرى ۋىزا ئىلتىماس قىلسا، ئەڭ قىسقا بولغاندا، ئىلتىماس قىلغان كۈننىڭ ئەتىسىلا ۋىزا بېرىلىدۇ؛ ئىلتىماس قىلىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋىزا ھەققى ۋە تېز يوللانما ھەققى تاپشۇرمايدۇ، «ھەقسىز» بېجىرىپ بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر