باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى چارىسى»نى ئېلان قىلدى

2018.01.05 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «تۇزچىلىقنى باشقۇرۇش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.

  2016-يىلى 4-ئايدا «گوۋۇيۈەننىڭ تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۇزچىلىق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش تەلەپ قىلىنغانىدى. تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەسلىدىكى «ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئاش تۇزى باھاسىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش ھالقىلىرىنى پىلانلاپ باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، «چارە»دە ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى تۈزۈمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بىرىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك تۇزچىلىقنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئاش تۇزىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا ئىشلەپچىقىرىش، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا كارخانىلارغا توپ سېتىشنى تەستىقلاپ بېكىتىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك تۇزچىلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاش تۇزى توپ سېتىش كەسپىگە ئىلتىماس قىلغان ئاش تۇزىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى ئاش تۇزىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا توپ سېتىش كارخانىسى قىلىپ بېكىتىشى ۋە ئۇلارغا ئاش تۇزىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا توپ سېتىش كارخانىسى دېگەن كىنىشكىنى تارقىتىپ بېرىشى؛ ئاش تۇزىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىدا توپ ساتىدىغان كارخانىلار ئاش تۇزىنى دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرىدە سېتىشى كېرەك، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ توسۇشى ياكى چەكلىشىگە بولمايدۇ؛ ئاش تۇزى باھاسىنى تىجارەت قىلغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. ئۈچىنچى، ئەسلىدىكى «ئاش تۇزى مەخسۇس تىجارىتى چارىسى»دىكى ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش، توپ سېتىش، تەقسىملەپ يۆتكەش، توشۇش قاتارلىقلارنى كۆرسەتمىلىك پىلانلاپ باشقۇرۇش ۋە ئاش تۇزى توشۇش گۇۋاھنامىسى تارقىتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر