باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭدا شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنى پاش قىلغانلارغا 300 مىڭ يۈەن چوڭ مۇكاپات بېرىلىدۇ

2018.01.05 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سودا-سانائەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنىڭ زوراۋانلىشىشى، تورلىشىشى ۋە باشقا جىنايەت بىلەن گىرەلىشىپ بىرىكىشى ھالىتىگە قارىتا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سودا-سانائەت ئىدارىسى ج خ نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى، شۇ ئارقىلىق، شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسى ۋە شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى پاش قىلغان ئامما مۇكاپاتلىنىدىغان بولدى. بۇنىڭدا، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.

  ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئامانلىق ساقلاش پىدائىيلىرى، بىرلەشمە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى، بازار ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش خادىملىرى، ئۇچۇر ئېلان قىلغۇچىلار، تور خادىملىرى ۋە چارلاش، ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش خادىملىرى مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى؛ پاش قىلىشنى مۇكاپاتلاش تۆۋەندىكىچە ئايرىلىدۇ: يەنى، شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنى پاش قىلىش ۋە شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىش، دەپ ئىككى خىل بولۇپ، شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنى پاش قىلغانلارغا، پاكىتى ئېنىق بولغان ھامان، 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە مۇكاپاتلىنىدۇ؛ شاخلىتىپ سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولارنى پاش قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات پۇل سوممىسى بولسا، قانۇنسىزلارنىڭ جەرىمانە-مۇسادىرە سوممىسى ۋە دېلوغا چېتىشلىق سوممىسىغا باغلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە يىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر