باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا يۈرگەن ئاپتوموبىللارغا تۇنجى قېتىم ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىلدى

2018.01.04 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرۈش ھەققى ئېلېكتىرونلۇق تالونى مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي يولغا قويۇلغان، ھەر قايسى جايلاردىكى ئابونتلار ETC كارتىسى ياكى ئابونت كارتىسىدا پۇل تاپشۇرسا، ETC كارتىسىغا پۇل قاچىلىسا، بۇ سۇپا ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق تالوننى چۈشۈرەلەيدىكەن. تاشيولدا ھەق ئېلىش تارماقلىرى ياكى تالون كەسكۈچى تارماقلار ئەمدى قەغەز نۇسخىدىكى تالون بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئابونتلار مەخسۇس قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، كەسىپ توغرۇلۇق مەسلىھەت سورىسا ياكى ئەرز-شىكايەت قىلسا بولىدىكەن. تالون مۇلازىمەت تېلېفونى: 95022. تالون مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ETC ئابونت مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر