خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى، بۇ، پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قورال-ياراغلارنى تەقلەپ، ھەربىي مەشىق قىلىدىغان پەيت. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 3-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن 2018-يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بېرىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.
زىمىستان قىشتىكى شىمالىي جۇڭگونىڭ سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ، مەشىق مەيدانىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ـــ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم تۈەنىنىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانىدا 7000دىن ئارتۇق كوماندىر-جەڭچى تولۇق قوراللىنىپ، ھەيۋەتلىك سەپ تۈزگەنىدى، 300 يۈرۈشكە يېقىن قورال-جابدۇق رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا «مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2018-يىللىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. «ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە مەشىقلەندۈرۈش، مەشىق بويىچە ئەمەلىي جەڭ قىلىش، مەشىق بىلەن ئەمەلىي جەڭنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»، «چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئارمىيەدە 4000دىن ئارتۇق شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىملار دالا ئۇرۇشى بويىچە مەشىق باشلاش شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلغانىدى. چەكسىز ئورمان، قارلىق دالىدىن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگىچە، غەربىي شىمالدىكى چەكسىز قۇملۇقتىن شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىغىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزىدىن 10 مىڭ چاقىرىملىق چېگراغىچە ئۈچ ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر ھەيۋەت بىلەن سەپ تۈزۈپ، يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، بۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى تۇنجى قېتىم بىر تۇتاش تەشكىللەپ مەشىق باشلاشقا سەپەرۋەر قىلىشى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر قېتىملىق يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىشى.
سائەت 10دا، شى جىنپىڭ ھەربىي فورما كىيىپ كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا چىقتى. مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى باشلاندى، كوماندىر-جەڭچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە مارشىنى ئېيتتى، جاراڭلىق ناخشا ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، گازارمىلاردا ياڭرىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى