باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بىز جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆرسەتكەن ھەقىقىي تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمىز

2018.01.05 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 4-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ زىيارەتكە چىقىشى، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  يىغىندا، گېڭ شۇاڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ۋە ئالتە تەرەپ سۆھبىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى دېدى: بىز يېقىندىن بۇيان چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئىجابىي يۈزلىنىش پەيدا بولغانلىقى، چاۋشيەن ۋە كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قوللانغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلغانلىقىنى بايقىدۇق.

  گېڭ شۇاڭ يەنە مۇندا دېدى: بىز جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھالدا شۇنداق دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىزكى، چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى، يارىشىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇلار ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەمدە يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە، يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنداقلا شۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق. بىز جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆرسەتكەن ھەقىقىي تىرىشقانلىقىنى قارشى ئالىمىز، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇنى قوللىشىنى مۈمىد قىلىمىز، ھەمدە بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز.

  گېڭ شۇاڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى كۇڭشۇەنيو 1- ياينىڭ 5- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە سىئولغا بېرىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر