خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) 2-يانۋار، ۋېنجۇ شەھىرىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى باي ناھىيەسى باي بازىرى دەريا بويى مەھەللىسىدە داۋالاش ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش، خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 200 گە يېقىن ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، 4000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق دورىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ۋە ساغلاملىق توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى