باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: رۇسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە جۇڭگو پۇقرالىرى قازا قىلغان

2018.01.05 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4- چېسلا رۇسىيە يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا جۇڭگو پۇقرالىرى قازا قىلغان. جۇڭگونىڭ يېكاتېرىنابۇرگتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى كونسۇل ئەمەلدارلىرىنى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدىكى كونكرېت ئەھۋالنى ئىگىلەشكە ئەۋەتكەن.

  جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. باش ئەلچىخانا ئوت ئاپىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى قاتارلىق مەركەز تارماقلىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلاردىن يېڭى سىبىرىيەنىڭ يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلارنى دەرھال يول كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشنى، ھەمدە ئالاقىدار قالدۇق ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئامبىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسى جۇڭگولۇق ئىكەن، ئىككىسى قىرغىزىستانلىق ۋە بىرى رۇسىيەلىك ئىكەن. ئامبارنىڭ ئوت كەتكەن كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تېخى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر