باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2018.01.02 16:29   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يەنى جۇڭگو يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى ۋە ئىنتېرنېتتا 2018-يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

  يولداشلار، دوستلار، خانىملار، ئەپەندىلەر، ياخشىمۇسىلەر!

  ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، بىز ھەش-پەش دېگۈچە 2018-يىلىنى كۈتۈۋالدۇق. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن! دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت، ھەر قايسى رايونلاردىكى دوستلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  ئادەم قىلغان ئەمگىكىگە يارىشا ھوسۇل ئالىدۇ، يېڭى ئۆزگىرىشلەر كۈندىن-كۈنگە بارلىققا كېلىدۇ. بىز 2017-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 80 تىرىليون يۈەنلىك سەۋىيەگە يەتتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن 900 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاپلاندى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بىر مىليارد 350 مىليون ئادەم قاپلاندى، يەنە ئون مىليوندىن ئارتۇق يېزا نامرات نوپۇسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. «راھەت ماكان ھازىرلاپ تەرەپ-تەرەپتە، كۈلكە بەرمەك كېرەك ئاجىز قەلبىگە». ئۈچ مىليون 400 مىڭ نامرات نوپۇس كۆچۈرۈپ يۆلىنىپ، ئىللىق يېڭى ئۆيگە ئىگە قىلىندى، تۈرلۈك كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئالتە مىليون يۈرۈشلۈك ئۆيدە ئىش باشلاش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاندى. تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەدرىجىي ياخشىلاندى، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلىدۇق.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زور قۇرۇلۇشلاردىن ئارقا-ئارقىدىن خۇشخەۋەر كەلدى. «ئۆتكۈر كۆز» سۈنئىي ھەمرىيى ئالەم بوشلۇقىنى سەيلە قىلدى، C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، كىۋانت ھېسابلاش ماشىنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى، دېڭىز سۈيىدە ئۆستۈرۈلىدىغان شال سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىلدى، ئېلىمىزدە ياسالغان تۇنجى ئاۋىياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى، «دېڭىز قانىتى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى چوڭقۇر دېڭىزنى ئۆلچىدى، دېڭىزدىن كۆيۈشچان مۇزنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىش تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ياڭشەن 4-قارارلىق ئاپتوماتلاشقان پىرىستانى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، گۈللىنىش ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋەتىنىمىزنىڭ پايانسىز زېمىنىدا چېپىشقا باشلىدى. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىجادىي ئۇلۇغ كۈچكە تەنتەنە قىلىمەن.

  بىز جۇرىخ بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە 20 يىل بولغاندا، مەن شياڭگاڭغا بېرىپ، ۋەتەننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈك بولۇشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت گۈللىنىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلىغانلىقى، كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىز يەنە پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغۇچىلارغا دۆلەت تەزىيەسى بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى تىلىدۇق.

  بىز دۆلەت ئىچىدە نەچچە قېتىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرى شيامېن ئۇچرىشىشى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. مەن يەنە دۇنيادىكى بىر قىسىم مۇھىم كۆپ تەرەپلىك يىغىنلارغا قاتناشتىم. 2017-يىلىنىڭ بېشىدا، مەن داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتىم ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا سۆز قىلدىم، كېيىن يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتناشتىم. مەن بۇ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، كۆپچىلىك دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى قۇۋۋەتلىدى.

  2017-يىلى مەن يەنە ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدىكى يۇرتداشلار، ئىچكى موڭغۇل سۇنىت ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچۇرنىڭ ئەزالىرى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلىرى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان خەتلىرى بار، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرغانلىقى ماڭا مىليونلىغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى شۇنداقلا بەختنىڭ كۈرەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  يولداشلار، دوستلار، خانىملار، ئەپەندىلەر!

  2018-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىلدىكى گۈزەل پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى. ھەر قانداق نەتىجە ئاز-ئازدىن ھاسىل بولىدۇ، بۇ پىلاننى رېئاللىق ئايلاندۇرۇشتا، قۇرۇق خىيال قىلماسلىق، تىرە تاراقشىتماسلىق، ئىشنى قەدەممۇ-قەدەم، پۇختا قىلىش شەرت.

  2018-يىلى ئېلىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جاپاغا چىداپ يول ئېچىپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  2020-يىلىغىچە ئېلىمىزدىكى ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات نوپۇسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىلىدۇ، بۇ بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. 2020-يىلىغا ئاران ئۈچ يىل ۋاقىت قالدى، پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. ئۈچ يىلدىن كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە دەل ۋاقتىدا غەلىبە قىلىمىز، بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ، بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيىتى بار بۇ ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە تاماملايمىز.

  نۆۋەتتە، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ھەم ئۈمىد كۈتمەكتە، ھەم ئەنسىرىمەكتە، جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشىنى كۈتمەكتە. پۈتۈن خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگونىڭمۇ دەيدىغانلىرى بار. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغدايدۇ، خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ، باشتىن-ئاخىر دۇنيانى بەرپا قىلغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ خاتىرجەم گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

  يولداشلار، دوستلار، خانىملار، ئەپەندىلەر!

  بىزنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىيات نەتىجىلىرىمىزنى خەلق ياراتقان، شۇڭا خەلق بۇنىڭدىن بەھرىلىنىشى كېرەك. مەن خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئولتۇراقلىشىش، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلارنى چۈشىنىمەن، كۆپچىلىك نۇرغۇن ھوسۇلغا ئېرىشتى، يەنە نۇرغۇن كۆڭۈل بۆلىدىغان، تىت-تىت بولىدىغان ئىشلار بار. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىمىزدە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان يەنە نۇرغۇن جايلار بار، بۇ بىزدىن بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ھۆكۈمەتلەر، كادىرلار پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ۋە خەۋپى، ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور نەتىجە دەپ بىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

  كۆپچىلىككە رەھمەت!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى